ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى «ئۈندىدار» نى مەنئى قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىس راي «خىتاي تېلېفون شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئىشەنچىم يوق» دەپ جاكارلىغان ئىدى.

بۈگۈن ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىلدە قارار چىقىرىپ «مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ھەرقانداق خىزمەتچىسى ئۆزى ئىشلىتىدىغان تېلېفونغا ئۈندىدار قاچىلىماسلىقى لازىم» دەپ ئېلان چىقارغان.

«ئاۋسترالىيە پۇل-مۇئامىلە خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 12-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «ئۈندىدار» يۇمتالى خىتايدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇچۇر ئەپلىرىدىن بولۇپ، بۇنىڭ ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىسىدا مەنئى قىلىنىشى ئاساسەن ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى «ئاۋسترالىيە - چەتئەل جاسۇسلۇقى ۋە چەتئەللەرنىڭ ئارىلىشىشى» دىكى نىشان بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتقان ئىدى.

ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى بىر خىزمەتچى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «ئۈندىداردا شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ توپلانما ھالدا نازارەت قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى يادىمىزدا بولۇشى لازىم» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئۆتكەن يىلى دېكابىردا مۇشۇ خىلدىكى قارارنى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر مىنىستىرلىقتىكى ھەرقانداق خىزمەتچىنىڭ ئۈندىدار ئىشلىتىشىگە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن ئىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ 2016-يىلىدىكى تەكشۈرۈشىدە ھازىر كۆپ قوللىنىلىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىنىڭ كودلىنىش ياكى سىفىرلىنىش دەرىجىسى باھالانغان. نەتىجىدە فەيسبوك، ۋاتس ئەپ قاتارلىقلارنىڭ كودلىنىش بىخەتەرلىكى 73 نومۇر ئالغان. ئەمما ئۈندىدار بۇ جەھەتتە نۆل ئالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت