ئاۋسترالىيە چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆي-مۈلك سېتىۋېلىشىغا يېڭى چەكلىمە قويدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.11.27

ئاۋسترالىيە پارلامېنتى چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆي-مۈلك سېتىۋېلىشىغا ئائىت قانۇن-تۈزۈملەرنى چىڭىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە يېقىندىن بۇيان ئۆي-مۈلك بازىرى باھاسىدىكى نورمالسىز ئۆسۈشتىن كېيىن بۇنداق بىر قارارنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدە خىتاي ئىستېمالچىلارنىڭ نەق پۇل بىلەن ئۆي سېتىۋېلىش ئەھۋالى ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆي باھاسىدا نورمالسىز ئۆسۈش كېلىپ چىقىرىپ، يەرلىكلەرنى ئۆي سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. شۇڭا، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلگىرىكى قانۇندىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرماقچى بولغان. پارلامېنت چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆي-مۈلك سېتىۋېلىشىغا ئائىت تۈزۈملەرنى چىڭىتىش ئارقىلىق، بازاردىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قېلىشنى كۆزلىمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، خىتايلارنىڭ ئاۋسترالىيىدە يەر-جاي سېتىۋېلىش مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئاۋسترالىيىدە تالاش-تارتىش قوزغاپ كەلگەن ئىكەن. بەزى سىياسەتچىلەر دائىرىلەرنىڭ، ئاۋسترالىيەدىكى قىممەتلىك تېرىلغۇ يەرلەرنى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى بار يەرلەرنى چەتئەللىكلەرگە سېتىشىغا قارشى چىقىپ كەلگەن. بولۇپمۇ يەر-جاي بازىرىدا خىتايلارنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى مۇنازىرە قوزغىغان.

ئاۋسترالىيە بۇ قېتىم قانۇن لايىھىسىدە 12 يېڭى ماددىنى قوشقان. ئۇنىڭدا چەتئەللىكلەرنىڭ يېڭى ئۆي سېتىۋېلىشىغا قويۇلىدىغان چەكلىمىلەر كۆپەيتىلىش بىلەن بىرگە، ۋاقىتلىق تۇرۇش سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇۋاتقانلارنىڭمۇ ئۆي سېتىۋېلىشىغا چەكلىمە قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.