ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە يۈزلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.04.26

ئاۋسترالىيە تاشقىي ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرى فرانسىس ئادامسون خانىم يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە بىر قاتار يىرىكلىككە مەنسۇپ ئامىللارنىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

«ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئادامسون خانىم بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىق ھەققىدىكى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئاۋۋال دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە دائىر ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە مۇرەسسە قىلىشنى خالايمىز» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىشى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ۋىكتورىيە ئۆلكىسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا دائىر تۈرلەرنى بىكار قىلغاندىن كېيىن يۇقۇرى پەللىگە چىققان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خاتالىقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، تۇيۇق يولدىن قايتىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئاللىقاچان يامانلىشىپ بىر يەرگە بارغان ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن.

ئادامسون خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى مۇئامىلىسىنى ئاۋسترالىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇش بىلەن بىرگە ئادېلايد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا «بىز دۇنياۋىي بىخەتەرلىك ۋە گۈللىنىش مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئورتاق قائىدىلەرگە مەھكەم ئەمەل قىلىشىمىز لازىم» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە پۇقرالىقىدىكى ھەمدە مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم ھوقۇقى بېرىلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ قۇربانلىرى بولۇشىمۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىگە بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.