ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ سولومون تاقىم ئارىلىغا سۇ ئاستى ئىنتېرنېت لىنىيەسى ئۇلاش پىلانىنى بىتچىت قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئوكيانىيە قىتئەسىدىكى سولومون تاقىم ئاراللىرىغا سۇ ئاستى ئىنتېرنېت لىنىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بىر تور بىخەتەرلىك مەركىزى تەسىس قىلىش قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى سولومون تاقىم ئاراللىرى ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزگەن بۇ ھەقتىكى قۇرۇلۇش توختامى پىلانىنى بىتچىت قىلغان.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرى ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى مەزكۇر قۇرۇلۇش كېلىشىمى بۈگۈن، يەنى سولومون باش مىنىستىرى رىك ھونېپۋېلانىڭ كانبېررا زىيارىتى داۋامىدا ئىككى تەرەپ قوشما باياناتى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان. ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جۇلىي بىشوپ بۈگۈن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: «ئىشنىڭ بىخەتەرلىك تەرىپىدىن ئېغىز ئاچسام توغرا بولمايدۇ، ئەمما ئېنىق بىر نۇقتا شۇكى، بىزنىڭ قۇرۇلۇش تەننەرخىمىز تۆۋەن بولغاچقا سولومون ئاراللىرى بىزنى تاللىدى». سولومون ئاراللىرىنىڭ باش مىنىستىرى بۈگۈن ئاۋسترالىيەنىڭ ئا ب س ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە سولومون ئاراللىرىنىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن ئۆتكەن يىلى تۈزگەن توختامىنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئەندىشىسى سەۋەبلىك بىكار قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئەسلىتىلىشىچە، خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىغا ئۇچۇر ياكى ئۈسكۈنە تەمىنلەش گۇمانى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىيات ئوبيېكتىغا ۋە نازارەت قىلىش نۇقتىسىغا ئايلانماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت