لوۋىي ئىنستىتۇتى: «ئاۋسترالىيە خىتاي بىلەن شېرىك ئەمەس»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئاۋستىرالىيەدىكى ئاقىللار مەركىزى بولغان لوۋىي ئىنستىتۇتىدا ئېلىپ بېرىلغان 2019-يىللىق ئەل رايىنى سىناشتا ئاۋسترالىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ مۇھىم شېرىكى ھەققىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئاشكارىلانغان.

26-ئىيۇن مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ توربېتىدە ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى، چەتئەل تەسىرى ۋە تېخنىكا جەھەتلەردىن ئەل رايى سىنالغان. 2019-يىلىدىكى بۇ سىناقنىڭ نەتىجىسىدە ئاۋسترالىيە خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە يېقىنچىلىقى بۇرۇنقىدىن ئاجىزلاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بەزى ئاۋستىرالىيەلىكلەر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ خىتايغا بەكلا بېقىنىپ قالغانلىقى، مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ئۇ يەردە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى خالىغانچە ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ يەردە قىلغان يۇقىرىقى قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشىلىق بىلدۈرۈشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان سودا ۋە باشقا ساھەلەردىكى مۇنھسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئەمما خىتاي دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر رايوندا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىشقا باشلىغان ۋە ئاۋىسترالىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن. نەتىجىدە ئاۋستىرالىيەنىڭ خىتايغا بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت