ئاۋسترالىيە تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ سۇ ئاستى ئىنتېرنېت لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى «خۇاۋېي» دىن تارتىۋالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-07-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەردىن سولومون تاقىم ئاراللىرى ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى بىرلەشمە سۇ ئاستى ئىنتېرنېت لىنىيەسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بۈگۈن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىمگە رەسمىي ئىمزا قويغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئېلىش پىلانى بىتچىت بولغان.

تىنچ ئوكياندىكى سولومون تاقىم ئاراللىرى ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى سۇ ئاستى ئىنتېرنېت لىنىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بىر تور بىخەتەرلىك مەركىزى تەسىس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئەسلىي خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى ھۆددىگە ئالماقچى بولغان. ئەمما بۇ ئاۋسترالىيەنى قاتتىق بىئارام قىلغان. چۈنكى خۇاۋېي شىركىتى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنى ئۇچۇر ياكى ئۈسكۈنە تەمىنلەش گۇمانى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىيات ئوبيېكتىغا ۋە نازارەت قىلىش نۇقتىسىغا ئايلانغان بىر شىركەت ئىدى.

ئۇنىڭ ئاۋسترالىيەگە قوشنا رايونلاردىكى بۇنداق مۇھىم بىر قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئېلىشى ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالغانلىقتىن ئاۋسترالىيە بۇ ئەندىشىلىرىنى كۆپ قېتىم يۇقىرىقى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە بىلدۈرگەن ۋە بۇ قۇرۇلۇشنى ئاۋسترالىيە ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلغان ئىدى.

بۇ يىل 6-ئايدا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرى ھۆكۈمىتى ئىككى تەرەپ قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جۇلىي بىشوپ ئەينى چاغدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئىشەنچسىزلىكىدىن سۆز ئاچمىغان بولسىمۇ، ئەمما سولومون ئاراللىرىنىڭ باش مىنىستىرى ئاۋسترالىيەنىڭ ئا ب س ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن ئۆتكەن يىلى تۈزگەن توختامىنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئەندىشىسى سەۋەبلىك بىكار قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت