ئاۋسترالىيە خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىقىغا خاتىمە بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.11.18

ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان «قورقۇنچلۇق» مۇئامىلىسى، خوڭكوڭ ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى سەۋەبلىك خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە خاتىمە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرلىقى 18‏-نويابىر خىتاي بىلەن بولغان 20 نەچچە يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە خاتىمە بەرگەنلىكى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدىكى 7. 4 مىليون دوللارلىق كىشىلىك ھوقۇق تېخنىكا ياردەم پروگراممىسىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر پروگرامما 3 يىل ئاۋۋال يولغا قويۇلغان ئىكەن.

ئاۋسترالىيەنىڭ مەزكۇر قارارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى نەپەر ئاۋسترالىيە دۆلەت مەجلىسى ئەزاسىنىڭ بۇ يىل 12‏-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر يىغىنغا قاتنىشىشىنى چەكلەپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىنغان. ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىدا، خىتاينىڭ لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئاندرېئۇ خەستى بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېيمىس پېتېرسونغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«ئاۋسترالىيە گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاندرېئۇ خەستى 17‏-نويابىر كۈنى ئۆزىنىڭ جېيمىس پېتېرسون بىلەن «خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىنى تەنقىدلەشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى يەنە ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرىسا پېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەرىسا پېيىن، «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھۆججەتلەردىن خەۋەر تاپتىم. ئۇ، بۇ يىل سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان چۆچۈتەرلىك ۋىدىيولاردىن كېيىنكى يەنە بىر ھادىسە» دېگەن. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ چۆچۈتەرلىك خەۋەرلەر بۈگۈن ئاۋسترالىيەنىڭ قارىشىنى كۈچلەندۈردى. بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز» دەپ كۆرسەتكەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 16‏-نويابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشىغا ئالاقىدار 403‏ بەتلىك بىر مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلاپ، دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.