ئاۋسترالىيە-ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشى خىتاي ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022-01-05
Share

يېقىنقى مەزگىللەردە تاشقى دۇنيادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مۇھىم تەرەققىيات ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز مۇداپىئەسىنى مەركەز قىلغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى پېتىر جېننىڭس ئىمزاسىدا 5-يانۋار ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدە بۇ مەسىلە نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ تاشقى دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى پەقەت مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىپ كەلگەن. ئەمما ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ ۋىديولوق سۆھبىتى بۇ دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن. چۈنكى بۇنىڭدا ھەر ئىككى تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت تورى بەرپا قىلىش مۇھىم ئورۇن ئىگىلىگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى قارشى تەرەپنىڭ دېڭىز يۈزىدىكى مۇداپىئە نۇقتىلىرىغا ئەركىن كىرىپ-چىقىش كېلىشىمى تۈزۈش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن. بۇ بويىچە بولغاندا ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ھەربىي ئەسلىھە نۇقتىلىرىغا، پورتلىرىغا، قۇرۇقلۇق بازىلىرىغا ۋە تەمىنات يۆتكەش نۇقتىلىرىغا ئەركىن كىرىپ چىقسا بولىدىكەن. شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ۋە باشقا ئۇرۇش پاراخوتلىرى زۆرۈر تېپىلغاندا قارشى تەرەپنىڭ پورتلىرىدىن پايدىلانسا بولىدىكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، دېموكراتىيە ئاساسىدىكى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە بۇ دەرىجىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشى خىتاي ئۈچۈن بەكمۇ كۈچلۈك سىگنال ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنى دۇنيا دېموكراتىيەسىدىن ئايرىپ تاشلاپ، مەزكۇر رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇمكىن قەدەر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىكەن. ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقى بولسا خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىنى چەكلەشتە كۈچلۈك رول ئوينايدىكەن.

يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى بىردەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا داۋاملىق قول تىقىپ تۇرۇشىنى ئىستەيدىكەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېنمۇ ئىزچىل ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرۇشىنى خالايدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ھەمكارلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى زۆرۈر ئاساسلار بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن. ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا راۋاجلىنىدىغان بۇ خىلدىكى ھەمكارلىق بولسا بۇ رايوندا باش كۆتىرىۋاتقان خىتاي ھاكىممۇتلەقلىقىنى چەكلەشتە، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى يېتەكچى كۈچ بولۇۋېلىش ئارزۇسىنى توسۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئاخىرقى بىر مۇھىم نۇقتا بولسا ئاۋسترالىيە يىللاردىن بېرى ئىزچىل ياپونىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىش مەنبەسى بولۇپ كەلگەنىكەن. بولۇپمۇ 2020-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا ئاۋسترالىيەنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ۋە كۆمۈر ئېكسپورتى ياپونىيەدىن ئاز دېگەندىمۇ 34 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق كاپىتال ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ ھىدروگېن مەھسۇلاتلىرى ياپونىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدىكەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشى بۇ خىل ئېنېرگىيە ئېكىسپورتىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىكەن. بۇ بولسا خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىن كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشى ئارقىسىدا كېلىپ چىققان ئۈزۈكچىلىكنى تولدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت