ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.03.02

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 1-مارت بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئاۋسترالىيە يۇقىرى پالاتا، يەنى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىمۇ ئوخشاش شەكىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشقا چاقىرغان.

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە مۇستەقىل كېڭەش پالاتا ئەزاسى رېكىس پاترىكنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ تەكلىپ لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ 15-مارتتىكى كۈنتەرتىپىگە قويۇلغان. ئۇ يەنە بۇ لايىھەنىڭ ئاۋسترالىيە خەلقئارا جەمئىيەتكە قاتنىشىشقا ھازىرلىنىۋاتقان پەيتتىكى ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ سىنىقى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ئالدىنقى ھەپتە ۋىكتورىيە مەيداندىن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىغا قەدەر ئاممىۋى يۈرۈش ۋە نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرىنى رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.