ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشكە چاقىرماقتا

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.03.10

ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دېموكراتىك ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتلەرنى بۇ سەپكە قوشۇلۇشقا چاقىرىش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

ABC خەۋەر قانىلىنىڭ 10-مارت بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى بېكىتىشكە چاقىرىش ئۈچۈن داۋاملىق پائالىيەت قىلماقتا ئىكەن. يىللاردىن بېرى نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى رامىلە جانىشېۋ مۇخبىرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مىليونلىغان ئادەم يوقاپ كەتسە، چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشقا بىر شەكىل بىلەن قايتا يۈز بېرىۋاتسا، بىز يەنە قاچانغىچە خىتايدىن قورقۇپ قاراپ تۇرىمىز؟»

ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى ئەخلاق، ۋىجدان بىلەن ئىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەبىھ جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. رامىلە جانىشېۋنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىقتىساد-سودا ئارقىلىق ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر يېڭى دوكلات چىقىدۇ. بۇ يەردىكىلەرنىڭ روھى چۈشۈپ كەتتى، قەلبى يارىلاندى، خامۇش ياكى سەپرا بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە 20 يىلدىن بېرى ئائىلىسىدىكىلىرىنى كۆرەلمىگەنلەر بار، چۈنكى ھېچقايسىسى ۋەتەنگە قايتالمايدۇ.»

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلاشقا تېخى قوشۇلمىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مارىسە پاين ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايەتنى ئاتاش مەسىلىسىدە كانادا، ئەنگىلىيەگە ئوخشاش ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.