ئاۋسترالىيە قانىلى خىتاينىڭ CGTN ۋە CCTV قاناللىرىنىڭ خەۋىرىنى بېرىشنى توختاتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.03.12

ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە قانىلى SBS كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شىكايىتى بىلەن خىتاينىڭ CGTN ۋە CCTV قاناللىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى تارقىتىشنى توختاتقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، SBS نىڭ باياناتچىسى 12-مارت رويتېرسنىڭ مۇخبىرىغا CCTV ۋە CGTN پروگراممىلىرىنىڭ شەنبە كۈندىن باشلاپ تارقىتىلمايدىغانلىقى، SBSنىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى سۇنغان بۇ قاناللار ھەققىدىكى شىكايەتنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

SBS نىڭ باياناتىدا: «ئوتتۇرىغا قويۇلغان جىددىي ئەندىشە ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز بۇ قاناللارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا، چەتئەلدىن كېلىدىغان CCTV ۋە CGTN نىڭ خەۋەرلىرىنى تارقىتىشنى توختىتىپ تۇرۇشى قارار قىلدۇق» دېيىلگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئەنگلىيەمۇ CGTN نىڭ ئەنگلىيەدە تارقىلىشىنى توختاتقان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى «قوغدىغۇچىلارنى قوغداش» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى SBS قانىلىغا خەت يېزىپ، CGTN ۋە CCTV نىڭ ئاخبارات پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ كەلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا ھەمكارلاشقانلىقىنى شىكايەت قىلغان.

«قوغدىغۇچىلارنى قوغداش تەشكىلاتى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ CCTV قانىلى 2013-يىلدىن 2020-يىلغىچە 56 كىشىنى تېلېۋىزورغا چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرغان ئىكەن. CGTN قانىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىشى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ غايىب بولغان ئائىلە ئەزالىرىنى تېلېۋىزورغا چىقىرىپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنى مەجبۇرىي ئاقلىشى، غەرب تاراتقۇلىرىنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى «شىنجاڭغا تۆھمەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلەشكە مەجبۇرلىشىدا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.