ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-07-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىلدى. بۈگۈن، ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور مايكىل كلارك «سۆھبەت» ناملىق ئىلمىي ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى پاش قىلدى ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ خۇددى ئامېرىكا ھەم بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرىگە ئوخشاش خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلەشكە چاقىردى.

ئۇ ماقالىسىدە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 1989‏-يىلى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى باستۇرۇلغاندا خىتاينى تەنقىد قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قىلىۋاتقانلىرى يۇقىرىقىدىن پەرقلىق ئەمەس» دېگەن. ئۇ يەنە، ئاۋسترالىيەلىك قانۇن تۈزگۈچىلەرنى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ،» دەپ تونۇشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ خىتاينىڭ كېلەچەكتە دۆلەت ئىچىدە ۋە خەلقئارادا قانداق بىر ۋەزىيەت يارىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئاۋسترالىيە دۆلىتى ۋە خەلقىگە چاقىرىق قىلىپ: «نەتىجىدە، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا بىز بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرساق بولمايدۇ» دەپ يازغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت