ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرىس پەيىن خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە خەلقىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە مۇداخىلە قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مارس پەيىن بۇ سۆزلەرنى ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق بىر خىتاي دىپلوماتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە كيۇنسلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدا توقۇنۇش پەيدا قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى «ۋەتەنپەرۋەرلىك» دەپ ماختىغانلىقىغا قارىتا ئېيتقان. ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترالىيەنىڭ كيۇنىسلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بەزى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ قورۇسىدا يىغىۋېلىش ئۆتكۈزۈپ، خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلارنى قوللىغان شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بېيجىڭپەرەست بىر قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلار نامايىش مەيدانىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلغان. بۇنىڭ بىلەن نامايىش توقۇنۇشقا ئايلانغان. توقۇنۇشقا ساقچىلار ئارىلىشىپ ئاران پەسەيتكەن. لېكىن برىسبان شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاينىڭ باش كونسۇلى شۈ جيې خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ماختاپ، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنى «ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكەت» دەپ ماختىغان. نامايىشچىلارنى خىتايغا قارشى «يامان نىيەتلىك بۆلگۈنچىلەر» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

لېكىن ئاۋسترالىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرىس پەيىن ئاۋسترالىيەدە ئىختىلاپلىق ۋە نازۇك مەسىلىلەردىمۇ سۆز ئەركىنلىكى، تىنچ ۋە قانۇنلۇق نامايىشلارنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بارلىق چەتئەل دىپلوماتىيە ۋەكىللىرىنىڭ بۇ ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىنى كۈتىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، «ئەگەر ھەرقانداق بىر چەتئەل دىپلوماتىك ئورگىنى غەلىيان ياكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇ ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىدە بولسا، ھۆكۈمەت بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىكەن.» كيۇنىسلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدا 24‏-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، بەزى ئۇيغۇر ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى نەزەربەند قىلىشى ياكى تۇتقۇن قىلىشى ئاۋسترالىيەدە تاراتقۇلىرىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بىر مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت