كونېر دىللېن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە كۆز يۇمۇش خەتەرلىك ئۆرنەك يارىتىپ بېرىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.08.30

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە كۆز يۇمسا، بۇنىڭ دۇنيادا خەتەرلىك ئۆرنەك يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى. ماقالىنىڭ ئاپتورى، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى كونېر دىللېننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى جازالاۋاتقانلىقىنى ھەرقانچە يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشەنچلىك دەلىللەر ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتىكەن. كونېر دىللېن «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە كۆز يۇمۇش خەتەرلىك ئۆرنەك يارىتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قىلمىشىغا كۆز يۇمۇلماسلىقى كېرەكلىكى، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھالقىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ يېقىندا لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ پەقەت خەلقئارا بېسىمنى يەڭگىللىتىشنى كۆزدە تۇتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاپتورنىڭ قەيت قىلىشىچە، «ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەت ئۇيغۇرلاردىن ھالقىغان مەسىلە بولۇپ، خىتاي باشقا دىكتاتور، ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەردە خەلقئارا جەمئىيەت بىر دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، دېگەن چۈشەنچىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشماقتىكەن». ماقالىدە، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر مەسىلىسىدە داۋاملىق ھەرىكەتكە ئۆتمىسە، ئۇنىڭ مىللەتلەرنى، ئېتنىك تازىلاش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايەتلىرىدىن قوغداشتەك ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى مىڭ يىللاردىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ جانلىق ۋە پەرقلىق ئېتنىك توپلۇق بىلەن بىرگە تارىخنىڭ چاڭ توزانلىرىدا قالىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.