ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ كورلا غەربىي ۋوگزالىدىكى سىن كۆرۈنۈشىگە ئىنكاس بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرىسە پەيىن 23‏-سېنتەبىر كۈنى يۈزلىگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ كورلا پويىز ئىستانسىسىدىكى سىن كۆرۈنۈشىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئادەمنى «قاتتىق بىئارام قىلارلىق» كۆرۈنۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن شۇنداقلا خىتاينى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

ئاۋسترالىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ABC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەرىسە پەيىن «مەن توردا تارقالغان ئادەمنى قاتتىق بىئارام قىلارلىق بۇ سىن كۆرۈنۈشىدىن خەۋەر تاپتىم. مەن ئىلگىرى ئاۋسترالىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشىدىن تۇيغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدىم،» دېگەن. 

ئۆتكەن شەنبە كۈنى چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا 600 دەك ئوخشىمىغان رەڭدە مەھبۇس كىيىمى كىيدۈرۈلگەن، چېچى چۈشۈرۈلۈپ، پۇت-قولى كىشەنلەنگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا كورلا غەربىي ۋوگزالىدىن مەخسۇس پويىز بىلەن باشقا جايغا ئېلىپ مېڭىلغانلىقىغا دائىر بىر سىن كۆرۈنۈشى كەڭ تارقالغان ۋە دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئاۋسترالىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرىسە پەيىن يەنە «بىز خىتاينى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىشقا ئىزچىل چاقىرىمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئەندىشىسىنى بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا ياكى ئالاقىدار خەلقئارا يىغىنلاردا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىمىز» دېگەن. 

ئاۋسترالىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئانالىزچىسى ناتان رۇسېر بوشلۇقتىن تارتىلغان مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ناتان رۇسېر، مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ 2018‏-يىلى ئاپرېل ياكى ئاۋغۇست ئايلىرىدا كورلا غەربىي پويىز ئىستانسىسىدا تارتىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. دۈمبىسىگە خىتايچە «قەشقەر قاماقخانىسى» دەپ خەت يېزىلغان تۇتقۇنلارنىڭ قەيەرگە ئېلىپ مېڭىلغانلىقى بىزگە نامەلۇم. ئەمما رادىئومىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 8‏-ئايدىن باشلاپ نۇرغۇن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت