ئاۋسترالىيە ئىستىراتىگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇزۇنلۇقى 3 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر لاگېرنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-12
Share

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇزۇنلۇقى 3 كىلومېتىر كېلىدىغان غايەت زور كۆلەملىك بىر لاگېرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىنى ئاشكارىلىغان.

«MBS خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى خەلقئارا تور مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى نەيتىن رۇسېر 3 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ لاگېرنىڭ سۈرىتىنى توردا ئېلان قىلغان. نەيتىن رۇسېر بۇ لاگېرنىڭ كۆلىمىنىڭ دىسنېي باغچىسى بىلەن تەڭ ئىكەنلىكى، لاگېردىكى مەھبۇسلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار ئاتالمىش «جىنايىتلىرى» سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ لاگېر ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا كېڭەيتىلىپ، بىر كىلومېتىر ئۇزارتىلغان ئىكەن. نەيتىن رۇسېر ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلىنغان لاگېرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلارنىن بىرى. ئۇلار سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىنىپ، 380 دەك لاگېرنىڭ ئورنىنى تاپقان ۋە بۇ لاگېرلارنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقى بايقىغان. ئۇلار يېقىندا ئېلان قىلغان يەنە بىر دوكلاتىدا رايوندىكى 16 مىڭدەك مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېنىقلىغان ئىدى.

لېكىن نەيتىن رۇسېر 3 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى لاگېرنىڭ كونكرېت قايسى رايونغا جايلاشقانلىقىنى كۆرسەتمىگەن. ئىلگىرى BBC ئۆزىنىڭ 2018-يىلى تارقاتقان لاگېرلار ھەققىدىكى بىر نەق مەيدان خەۋىرىدە رايوندىكى ئەڭ چوڭ لاگېرنىڭ ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى داۋانچىڭغا جايلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاۋستىراليەلىك مۇتەخەسسىسلەر داۋانچىڭدىكى لاگېرغا 130 مىڭدەك ئادەم سىغىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.