ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىسە پېيىن ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقات مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مارىسە پېيىننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدەك كىشىلىك ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىشلىرىغا قارشى سۆز قىلىش ئاۋسترالىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن» ئىكەن.

ئۇ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەرقانداق يەردە يۈز بەرسە ئۇنى سۆزلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئەقلىمىزگە كەلگەننى سۆزلەش باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بولمايدۇ» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىدلىگەن غەرب دۆلەتلىرىنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى» غا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەنىدى. بۇ، مارىسە پېيىننىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەكىتلىشىدۇر.

ئەنگىلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مارىسە پېيىن بۇ سۆزلەرنى 29‏-ئۆكتەبىر سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزى» دە نۇتۇق سۆزلىگەندە تەكىتلىگەن. ئۇ، خىتاينىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكى، «چۈنكى، دۆلەت ئىچىدە ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان ۋە ئۇنى ئالغا سۈرگەن دۆلەتلەر، ھەر ۋاقىت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەزاسى بولۇشقا تىرىشىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە تۇتۇلغان مۇئامىلىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق. شۇنداقلا بىز يەنە چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئاۋسترالىيەلىكلەرگە ئادىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارا مۇئامىلە قىلىنىشىنى داۋاملىق كۈچلۈك رەۋىشتە تەلەپ قىلىمىز» دېگەن. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە تۇتۇپ، ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىشىگە سەل قاراش بىلەن تەنقىدلىنىپ كەلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت