ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ۋە ئاۋسترالىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مايكېل كلارك بىرلىكتە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيەنى خىتاي بىلەن بۇرۇنقىدەك ئالاقە قىلىشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ئاۋسترالىيەدىكى نوپۇزلۇق تاشقى سىياسەت تەتقىقات ئورگىنى بولغان «لوۋېي ئىنستىتۇتى» نىڭ تور بېتىدە 6-دېكابىر ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاپ، ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، ئاۋسترالىيەدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا قارشى تەدبىر ئېلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇلار ماقالىسىدە، «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئەمدى خىتاي بىلەن بۇرۇنقىدەك ئالاقە قىلىشنى توختىتىشى، ئاۋسترالىيەگە خاس بولغان ‹ماگېنتىسكىي قانۇنى› نى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسان ھەقلىرى كرىزىسىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلارنى جازالىشى، ئاۋسترالىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى باشقۇرۇشىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشى كېرەك» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە، ئاۋسترالىيەدە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە، ئۇنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىنستىتۇتلىرىغا تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سىڭىپ كىرىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا خەۋپ پەيدا قىلىۋاتقانلىقى كۈچلۈك بىر مۇنازىرە تېمىسى بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئاۋسترالىيەدىكى قانۇن تۈزگۈچىلەرنىڭ خىتاينىڭ دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن قانچىلىك چوڭ خەۋپ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئالدىنقى كۈنى، ئاۋسترالىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مايكېل دەنبىمۇ پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە «ماگېنتىسكىي قانۇنى» نى تونۇشتۇرۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر قانۇننى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەۋا بولۇشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت