ئاۋسترالىيە كابىنېت مىنىستىرى خىتاينىڭ بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى «ساختا خەۋەر» دېگەن سۆزىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە كابىنېت مىنىستىرى مىشىلىيا كەش خىتاينىڭ بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى «ساختا خەۋەر» دېگەن سۆزلىرىنى رەت قىلىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاينى لاگېرلاردىكى بىر مىليون مۇسۇلمان ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشكە داۋاملىق چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېڭ جىڭيې 19‏-دېكابىر كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ بىر مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان. ئۇ، بۇنىڭ «پۈتۈنلەي ساختا خەۋەر» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئۇ، خىتاينىڭ قىلمىشىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەركىتىنى» دېگەنىدى. لېكىن، ئاۋسترالىيە ئالاھىدە ئاخبارات شىركىتى SBS ‏ نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىشىلىيا كەش ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليون مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «بىز بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. باش مىنىستىر بىلەن مەن ھەر ئىككىمىز بۇنى بىلىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ئاۋسترالىيەنىڭ ئەندىشىسىنى خىتاينىڭ بىۋاسىتە، شۇنداقلا ئاشكارە ئىپادىلىدى» دېگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشقا خاتىمە بېرىش مەسىلىسىدە ئاۋسترالىيەنىڭ مەيدانى ئېنىق» ئىكەن.

مىشىلىيا كەش خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىپ، ئۇلارغا تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بەرگەن. ئامېرىكانىڭ ئاۋسترالىيە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت