ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاۋسترالىيەلىكلەرنى خىتايدىن ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-25
Share

ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چەتئەلنىڭ ئاۋسترالىيەگە سىڭىپ كىرىشى ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ مىسلىسىز سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ «ئاپەت خاراكتېرلىك زىيان» كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك-ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دۇنكان لېۋىس خىتاينىڭ ئىسمىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭ خىتاينى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، دۇنكان لەۋېس بۇ سۆزلەرنى ئاۋسترالىيەدە خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە ئىچكى سىياسىتىگە قول تىقىشى جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا قىلغان.

دۇنكان لېۋىس پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە يەنە، «چەتئەلنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى مىسلىسىز دەرىجىگە يەتكەنلىكى» نى ئەسكەرتىپ، ئۇلار ئاۋسترالىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، شېرىكلىرى، دىپلوماتىك ئىقتىسادى، ھەربىي جەھەتلەردىكى سىياسىتىگە دائىر مەخپىي ئۇچۇرلارغا، شۇنداقلا يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ ئېنېرگىيە، مىنېرال بايلىقى، پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا قىزىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دۇنكان لېۋىس سۆزىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، «جاسۇسلۇق، ئىچكى ئىشلارغا قول تىقىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىچكى قىسىمدىكى يامان نىيەتلىك پائالىيەتلەر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئاپەت خاراكتېرلىك زىيانلارنى سېلىشى مۇمكىن» دېگەن. دۇنكان لەۋىس بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئاۋسترالىيەلىك سىياسەتچى ئاندرېۋ ھاستېي ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئاۋسترالىيەلىك بىر خىتاي سودىگىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ب د ت ئەمەلدارىغا پارا بەرگەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت