ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنى غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.04.15

«نيۇ-يوركتىكى يورك ۋاقتى گېزىتى» 13‏-ئاپرېل كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتنى غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىۋاتقانلىقى، لېكىن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەرلىك بېسىم ئىشلىتەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە، ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ لاگېرلىرىنى تەنقىد قىلىشنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ 2018‏-يىلى 11‏-ئايغىچە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلىكى، ئۇنىڭ پەقەت ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا ئاندىن باشقا غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىرگە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كانبېررانىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نازۇك بولۇپ، ئۇ خىتاي مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىياجى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتىكەن. خەۋەردە ئاۋسترالىيەنىڭ ئىنكاسى بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرگۈل ساۋۇت «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا «ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشى بىلەن بىز بىر يېرىققا كىرىپ قېلىۋاتقاندەك بولدۇق، لېكىن ئائىلىلەرنى ساقلاپ تۇرالمايدۇ» دېگەن. ئاۋسترالىيە لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسى جېيمىس لېيبولدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاستا ئىنكاس بىلدۈرۈشىگە ئۇنىڭ سودىدا قىسمەن خىتايغا تايىنىشى سەۋەب بولغان ئىكەن. ئۇ: «بىز ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاينىڭ ئالدىدا ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق» دېگەن. لېكىن خەۋەردە يەنە ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاۋسترالىيە «خىتاينى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىشقا داۋاملىق چاقىرىدۇ» دېيىلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تەقىبلىشى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېقىن ئۇيغۇرلارنىمۇ مۇستەقىللىق يولىغا ئېلىپ كىرگەن. خەۋەردە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى غايىب بولغان پەرھات ھەبىبۇللا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش زىيارەت قىلىنغان. ئاتا-ئانىسى خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ساقچى ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن پەرھات ھەبىبۇللا، ئۆزىنىڭ قىزىل بايراق ئاستىدا چوڭ بولغانلىقى، «بىراق ھازىر مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.