خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە 180 مىڭ ئادەم قېتىملىق سىغىمچانلىققا ئىگە ئايرودروم سېلىنىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.07.16

خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە يېڭى بىر ئايرودروم سېلىشنى قارار قىلغان. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 16-ئىيۇل تارقاتقان بىر خەۋىرىدىن قارىغاندا، كېرىيە ناھىيەسىگە يېڭى ئايرودروم سېلىش قارارىنى خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە بېكىتكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا مەركىزى ھۆكۈمەتتىن 7 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كېرىيە ئايرودرومى يىللىق 180 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش ۋە زور كۆلەمدە يۈك توشۇشتىن ئىبارەت سىغىمچانلىققا ماسلاشتۇرۇلۇپ سېلىنىدىكەن.

تېخى يېقىندا خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ يىل 2‏-ئىيۇلدىن باشلاپ، خوتەن بىلەن چوڭچىڭ ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان قاتنايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردىكى ھاۋا ۋە تاشيول قاتنىشىنى دەل 2 مىليوندەك ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلار چۆلدەرەپ قالغاندا كۈچەيتىشى دىققەت قوزغايدىكەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ 2017‏-يىلى 2‏-ئايدا باشلانغان ئومۇميۈزلۈك لاگېرغا قاماش ھەرىكىتىدە خوتەن ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانلىرىنىڭ بىرى بولغان، يەنە بۇ رايون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كۆپلەپ خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىپ، كۆچمەن يۆتكەيدىغان ئاساسلىق رايونلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى.

نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ساياھەتچى جەلپ قىلىش تەشۋىقاتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ جايلارغا كۆپلەپ خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ كېلىپ ئورۇنلىشىشى، ماكانلىشىشى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن قاتناش شارائىتلىرىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.