باغراش كۆلى خىتايلارنىڭ «بېلىق ئامبىرى» غا ئايلاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.08.25

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئىزچىل «دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن باغراش كۆلى يېقىندىن بۇيان خىتايلارنىڭ نەزىرىدە «سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ بېلىق ماكانى» دەپ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى.

«خەلق تورى» نىڭ 25-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باغراش كۆلى نۆۋەتتە سۈنئىي كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەسىرلەر بويى تەكلىماكاننىڭ مۇڭلىرىغا گۇۋاھچى بولۇپ كەلگەن باغراش كۆلىنى خىتاي بېلىقچىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ باقمىچىلىق مەيدانىغا ئايلاندۇرغان. نۆۋەتتە بۇ كۆلدە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار تورغا چۈشكەن بېلىقلاردىن تۆت كىلوگرام (تەخمىنەن 10 قاداق)دىن ئېغىر كەلگەنلىرىنى ئىلغىۋېلىپ، باشقىلىرىنى كۆلگە قويۇۋېتىدىكەن. شۈ چىڭشۈي ئىسىملىك بىر خىتاي بېلىقچى مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ھەر كۈنى 500-600 كىلوگرام بېلىق تۇتىمەن. بىر يىلدا بېلىقچىلىقتىنلا 70-80 مىڭ سوم كىرىم قىلىمەن» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، باغراش كۆلىدىكى بېلىقلارنىڭ تۈرى 32 خىلغا يېتىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ بېلىقچىلىق بازىسى ئىكەن.

ھالبۇكى تېخى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە باغراش كۆلىنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىدىن چىققان «بۇلغانغان سۇلارنى قويۇۋېتىش ئامبىرى» بولۇپ كەلگەنلىكى مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ كەلگەنىدى. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «باغراش كۆلىنى تازىلاپ كىشىلەرگە بەخت يارىتىش» شۇئارىنىڭ ئەمەلىيەتتە بېلىقچىلىق ئۈچۈن بولغانلىقى ئاشكارا بولدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يورۇڭقاش سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇر ياشلىرى ‹ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى› دېگەن نامدا نەچچە يۈز سوملۇم ئايلىق مائاش بىلەن ئىچكىرىگە يۆتكىلىۋاتقاندا خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانىدا بېلىقچىلىق قىلىپ مىليونلاپ پۇل تاپماقتا» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.