ۋۇجياچۈ (ئوتۇنكوزا) 3 - باشلانغۇچنىڭ سەندۇڭلۇق بالا ئوغرىلىرىدىن ساقلىنىش ئۇقتۇرۇشى ئەنسىزلىك قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.05.19


18 - ماي دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن ئۈندىدار قاتارلىقلاردا رەسىملىك كوپىيە شەكلىدە تارقالغان، ۋۇجياچۈ (ئوتۇنكوزا) شەھەرلىك 3 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاتا - ئانىلارغا يازغان «سەندۇڭلۇق بالا ئوغرىلىرىدىن ساقلىنىش ئۇقتۇرۇشى» ئەنسىزلىك قوزغىدى.

«ۋۇجياچۈ 3 - باشلانغۇچ مەكتەپ، 2015 - يىل 18 - ماي تارقىتىلدى» دەپ ئىمزا قويۇلغان ئۇقتۇرۇش خىتاي تىلىدا يېزىلغان. ئۇنىڭدا «ھۆرمەتلىك ئاتا - ئانىلار، بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن بالا ئوغرىلاش ئۈچۈن كەلگەن ئوغرىلىق گۇرۇھىغا ئائىت خەۋەر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بالىلارنى ئوغرىلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا ئىگە بولۇش، بالا ئوغرىلىرىنىڭ نىشانى يېشى 7ياش ئەتراپىدىكى بالىلار. بارلىق ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى سورايمىز» دېيىلگەن. ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئاتا - ئانىلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 5 نۇقتىغا بۆلۈپ ئەسكەرتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 18 - 19 - ماي كۈنلىرى خىتايدىكى ئۈندىدار تورىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بالا ئوغرىلىرىدىن ساقلىنىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ھەر خىل شەكىلدە يېزىلغان فوتو نۇسخىلىرى تارقالغان بولۇپ، ئاتا - ئانىلار ئارىسىدا ئەنسىزلىك كۈچەيگەن. رادىيومىز ئوتۇنكوزا شەھىرىدىكى مەلۇم ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، ساقچىلار بۇ خىل ئۇقتۇرۇشلارنىڭ توردا تارقالغانلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بالا ئوغرىلىرىدىن ساقلىنىش ھەققىدە مەخسۇس ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن يازما ئۇقتۇرۇشى ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىزنىڭ كېيىنكى پروگراممىسىدا بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن تەپسىلاتلارنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.