خىتاي دائىرىلىرى قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىسىنى مەجبۇرىي ئالدۇرۇۋەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.11.23

ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى-NPR 23‏-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بىر ئايالنىڭ بېشىغا كەلگەن تراگېدىيەلىك بىر ۋەقەنى خەۋەر قىلدى.

بۇ قازاق ئايالنىڭ NPR غا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئۆتكەن يىلى يازدا خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئىككى بالىسىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ بارغان. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ بېرىشىغا دائىرىلەر ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى سوراققا تارتقان ۋە نەزەربەند قىلغان. ئۇنىڭ يولدىشى قازاقىستانلىق بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ئۇنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت» قا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ھامىلىسىنى ئالدۇرۇۋېتىشنى، ئەگەر رەت قىلسا، ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

NPR نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 2015‏-يىلى 2 بالىسى بىلەن تۇل قالغان بۇ ئايال قازاقىستانلىق بىر ئەركەك بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ۋە قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئىكەن. بىراق 37 ياشلىق بۇ ئايالنىڭ تراگېدىيەسى ئۆتكەن يىلى يازدا ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي پۇقرالىقىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن بارغاندا يۈز بەرگەن. ئۇ يۇرتىغا يېتىپ بېرىشىغا ساقچىلارنىڭ تەقىب قىلىشىغا ئۇچراپ، سوراق قىلىنغان شۇنداقلا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈلگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكى بايقالغان. دائىرىلەر ئۇنىڭ 2 بالىسى بارلىقىنى باھانە قىلىپ، 3‏-بالىسىنى تۇغۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يولدىشىنىڭ قازاقىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئالدۇرۇۋېتىشكە قارشى چىققان بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ئۆزىنىڭ پىكىرىدە چىڭ تۇرغان. بۇ ئايالنىڭ NPR غا بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى 12‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ساقچىلار ۋە يەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئىنىسىنى ھۆكۈمەت بىناسىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭ ئىنىسىغا ئەگەر ئاچىسى ھامىلىنى ئالدۇرۇۋەتمىسە، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئىنىسى مەسئۇل بولۇش ھەققىدىكى بىر ھۆججەتنى ئىمزالاتقان.

بۇ قازاق ئايال NPR غا «بۇ ئىنىمنىڭ لاگېرغا قامىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. مەن ئىنىمنى قوغداش ئۈچۈن بالامنى ئالدۇرۇۋېتىشكە ماقۇل بولدۇم،» دېگەن. NPR نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قازاق ئايال بالىسىنى ئالدۇرۇۋېتىپ 4 ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنى ئېلىپ قازاقىستانغا قايتىشىغا يول قويغان. لېكىن ئۇنىڭ ئىنىسى يەنىلا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. دائىرىلەر ئۇنىڭغا چېگرادا مۇخبىرلارغا سۆزلىمەسلىك، ئۇيغۇر رايونىدا بولغان ئىشلارنى ئاشكارىلىماسلىق، بالىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرمىگەنلىك ھەققىدىكى بىر ۋەدىنامىگە ئىمزا قويدۇرۇپ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.