گېرمانىيە باش مىنىستىرى بالقان دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ سىياسىي تەسىرى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.02.22

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خىتاينى بالقان دۆلەتلىرىدىكى ئىقتىسادىي مەبلىغىنى سىياسىي قورال قىلىپ ئىشلەتمەسلىككە چاقىرغان ۋە بالقان دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ سىياسىي تەسىرى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئانگېلا مېركېل بۇ سۆزلەرنى ماكېدونىيە باش مىنىستىرى زوران زائىۋ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ سۆزىدە: «خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدە ئەركىن سودىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەقەت بىرلا تەرەپنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى يېتەرلىك ئەمەس. سودا مۇناسىۋەتلىرىنى سىياسىي مەسىلىلەرگە چېتىۋېلىش ئەركىن سودا ئۈچۈن پايدىلىق، دەپ قارىمايمەن» دېگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقنىڭ ئېيتىشىچە، ئانگېلا مېركېل بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېڭى يىپەك يولى» ئىستراتېگىيەسىنى ئىشارەت قىلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي بالقان رايونىدىكى گىرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە زور مىقداردا مەبلەغ سالغان بولغاچقا، بالقان دۆلەتلىرى ياۋروپا بىرلىكىدە خىتايغا پايدىلىق قارارلارنى ئېلىش، ياكى خىتايغا زىيانلىق قارارلارنى توسۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىماقتىكەن. بولۇپمۇ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىدلىشى يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماقتىكەن. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيە ئارقىلىق ياۋروپادىكى سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىنلىكى ئەندىشە پەيدا قىلماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونمۇ يېقىندا قىلغان بىر سۆزىدە مۇشۇ مەسىلىنى تەكىتلەپ «بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ مەبلىغىگە بەكرەك بېرىلىپ كېتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قۇربان قىلىۋېتىپ بارىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.