بالۇچىستاندا گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى جاكارلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.06.09

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى پاكىستاننىڭ بالۇچىستان رايونىدا گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، پاكىستان تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بۇ ئىككىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

يۇقىرىدىكى بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىلار دەل خىتاي ھۆكۈمىتى 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ تۈگۈنى بالۇچىستاننىڭ كۋاتتا شەھىرىدىكى بىر تىل مەكتىپىدە دەرس بېرىدىغان ئەر-ئاياللار بولۇپ، ئۇلار 24-ماي كۈنى بازارغا چىققاندا 3 نەپەر نامەلۇم قوراللىق شەخسلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئىكەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستانغا زور مەبلەغ سېلىپ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى» نى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندە نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر پاكىستاندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭغا زور توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى.

شۇڭا بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي زور مەبلەغ سالغان بالۇچىستان رايونىدا يۈز بېرىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان.

بىراق، خىتاي باياناتچى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرلارغا «مەنچە، بۇ ۋەقەنىڭ رايوندىكى قۇرۇلۇش پىلانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىر تەسىرى يوق. ئۇنىڭ ئاستانادا ئېچىلىدىغان بىر بەلۋاغ، بىر يول يىغىنى بىلەنمە بىر ئالاقىسى يوق» دېگەن.

بىراق، «ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى بەك چوڭ داۋراڭ قىلىشنى خالىمىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ۋەقەنىڭ ئېنىقلا خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىدىكى خەۋپلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.