بالۇچىلار رەھبىرى خىتاينىڭ بالوجىستاننى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.11.02

مەركىزى لوندوندىكى «ئەركىن بالوچىلار ھەرىكىتى» بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بالوجىستان زېمىنىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، پاكىستاننىڭ بۇ ئىشتا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«خەلقئارا ئاسىيا خەۋەرلىرى» تور گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇيبىيائىر مارى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە ئوخشاش بالوچىلار زېمىنىنى تارتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بالوچى خەلقى پاكىستاننىڭ ئۆز مەنپەئىتىنى دەپ بالوچىلارنىڭ زېمىنىنى، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مەسلىھەتىنى ئالماي، خىتايغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ،» دېگەن.

خۇيبىيار مارى باياناتىدا يەنە پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرى ۋە دىنىي ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن تەنقىدلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ھىندىستاننىڭ ب د ت غا سۇنغان ‹جائىش-ئې مۇھەممەت› ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى مەۋلانە مەسئۇد ئەزھەرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىمىغا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى رەت قىلىۋاتىدۇ.»

خىتاي بىلەن پاكىستان 2014‏-يىلى كېلىشىم تۈزۈپ، قەشقەر بىلەن بالۇجىستاننىڭ گۇۋادار پورتىنى تۆمۈريول، ئىنتېرنېت، نېفىت-گاز تۇرۇبا يوللىرى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش، مەزكۇر كارىدور بويىدىكى رايونلاردا سودا، سانائەت بازىلىرىنى ۋە خەۋپسىزلىك سىستېمىلىرىنى قۇرۇشقا كېلىشكەن ئىدى. خۇيبىيائىر مارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان بالۇچى ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنى قاچۇرۇش ۋەقەلىرىدە پاكىستان ئىستىغبارات دائىلىرىنىڭ قولى بار ئىكەن. ئۇ، پاكىستان ئىستىغبارات ئورگانلىرى «بۇ بالىلارنىڭ چوڭ بولۇپ خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ بالۇجىستاندىكى ۋەھشىلىكىگە قارشى چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ،» دېگەن. بىراق پاكىستان دائىلىرىنىڭ خۇيبىيائىر مارىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.