بالۇچىستاندا ئىككى خىتاي ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن پاكىستان دائىرىلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-06-12
Share

پاكىستاننىڭ بالۇچىستان شتاتىدا ئىككى نەپەر خىتاي گۆرۈگە تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ ئادەتتىن تاشقىرى «شېرىن ئاي» مۇناسىۋىتىدە تۇنجى سوغۇقچىلىق كۆرۈلگەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىلەن ئۇچراشقان. دەل مۇشۇ پەيتتە ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسى پاكىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن.

«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانادىكى ئۇچرىشىشتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قىزغىن كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان پرېزىدېنتى ناۋاز شېرىپقا نەزەر-گۈزىرىنىمۇ سەپ قويمىغان. ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۈشمىگەن.

بۇ ھال پاكىستان دائىرىلىرىنى قاتتىق تەڭلىكتە قويغان. پاكىستاننىڭ بالۇچىستان شتاتلىق ھۆكۈمىتى دەرھال تاراتقۇلار ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، 4200 نەپەر كۈچلۈك ساقچى قوشۇنى تەشكىللىگەنلىكىنى ۋە بالۇچىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 4000 نەپەر خىتاي ئىشچىسى پاكىستان تەۋەسىدە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى قۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1000 نەپەر خىتاي بۇ لىنىيىدە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتىكەن. 
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پاكىستان دائىرىلىرى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونى بىلەن بالۇچىستان دائىرىسىدە 15 مىڭ كىشىلىك كۈچلۈك ئارمىيە تۇرغۇزغان. پاكىستان يەنە بۇ كارىدوردا خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۆز دەۋرىدە پاكىستان تەسۋىرلىگەن «پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ تاغدىن ئېگىز، دېڭىزدىن چوڭقۇر دوستلۇقى» نىڭ نۆۋەتتە ئىككى نەپەر خىتاينىڭ بالۇچىستاندا ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن سوغۇقچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت