پرېزىدېنت ئوباما كېلەر يىلى 4-ئايدا ئاسىيانى زىيارەت قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.11.21

ئاق ساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۇزان رايس پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كېلەر يىلى 4-ئايدا ئاسىيانى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت ئوباما بۇ يىل 10‏-ئايدا مالايشىيا، فىلىپپىن، بىرۇنېي، ھىندونېزىيە، قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلىدىغان زىيارىتىنى بىكار قىلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەردە ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا قايتىش پىلانىنىڭ سەمىمىيلىكىگە گۇمان پەيدا قىلغان.

سۇزان رايس چارشەنبە كۈنى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە ئوبامانىڭ ئاسىيانى كېلەر يىلى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: بىزنىڭ ئاسىيادىكى دوستلىرىمىز بىزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمىزگە سازاۋەر بولۇشقا لايىق ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرىمىز. قانچىلىك توسقۇنلۇققا ئۇچراشتىن قەتئىي نەزەر، بىز بۇ سەزگۈر رايوندىكى ۋەدىمىزدە داۋاملىق تۇرىمىز، دېگەن.

ئامېرىكا بۇ قېتىم فىلىپپىندا يۈز بەرگەن تەيفېڭ ئاپىتىدە ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ ياردەم بەرگەن دۆلەت. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر فىلىپپىنغا قىلغان ياردىمى 37 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئۇ يەنە 1000 كىشىلىك دېڭىز ئارمىيە پىيادىلەر ئەترىتىنى فىلىپپىنغا قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتكەن.

سۇزان رايس جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە يەنە: ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسى بىر قانچە ئاي ياكى بىر قانچە يىلدا ئەتكەس بولۇپ كەتمەيدۇ. ئامېرىكا ئاسىيادا ئۇزۇن مەزگىل ساغلام، ئىزچىل ۋە مەزمۇت تۇرىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.