FBI: «خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ خىتايدا ئىشقا قوبۇل قىلىنىشىغا مەخپىي ياردەم بەرگەن»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ۋاشىڭتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن نيۇ-يوركتىكى دىپلوماتى ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ خىتايدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ئىشقا قوبۇل قىلىنىشىگا ياردەم بەرگەن. بۇ ئۇچۇر FBI نىڭ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكادىكى بىر سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان دوكلاتىدا تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا ئاشكارىلانغان.

«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، FBI نىڭ دوكلاتى كوننېتتىكۇت شتاتىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى بىر خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ «بىلىپ تۇرۇپ ۋە خالاپ تۇرۇپ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلارغا ۋاكالىتەن ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك غول ھۈجەريرە تەتقىقاتچىلىرىنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئۇنىۋەرسىتېت، تەتقىقات ئورۇنلىرىغا قوبۇل قىلىش ھەرىكىتى» گە ئالاقىدار دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

خەۋەردە بۇ ۋەقە «خىتاينىڭ جاسۇسلۇق تاكتىكىلىرىغا چوڭقۇر نەزەر سېلىش ئىمكانىيىتى بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. FBI ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ ۋاشىڭتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئۇنىڭ نيۇ-يوركتىكى دىپلوماتىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان. لېكىن «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ FBI غا خىتاي باش ئەلچىسى ۋە ئۇنىڭ نيۇ-يوركتىكى دىپلوماتىنىڭ ئامېرىكاغا ئادەم قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بوستوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىلمىي يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، FBI بۇنىڭغا دائىر ئوخشىمىغان ئىككى ئۇچۇر مەنبەسىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنىڭ «كۆپ قىسمى» FBI ۋە باشقا قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يۇقىرىقى خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ 2009-يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەنلىكى، ئامېرىكادىكى بىر ئۇنىۋەرسىتېتتا غول ھۆجەيرە تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدىغانلىقى، ھازىر «جەنۇبىي خىتاي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئىشلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت