ئۇيغۇر رايونىدا بايراق چىقىرىشقا 6 قېتىم قاتناشمىغان ئادەم تۇتقۇن قىلىنىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.12.04

ئۇيغۇر رايونىدا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس باھالاش تۈزۈمى يولغا قويۇپ، بايراق چىقىرىشقا 6 قېتىم قاتناشمىغان كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى باھالاش تۈزۈمى يولغا قويغان. مەزكۇر تۈزۈم بويىچە بىر قېتىم بايراق چىقىرىشقا قاتناشمىغان كىشىگە بىر قارا چېكىتى قويۇلىدىكەن. 3 قېتىم قارا چېكىت قويۇلسا بۇ بىر قىزىل چېكىتكە ئۆزگۈرۈدىكەن.

ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر رايونلۇق بىر ئاھالە 3‏-دېكابىر رادىئويىمىزنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئەگەر ھەرقانداق بىر يەرلىك ئاھالە 6 قېتىم بايراق چىقىرىشقا قاتناشماي 2 قىزىل چېكىت ئالسا، ئۇنىڭ دەرھال تۇتقۇن قىلىنىپ، يېپىق تەربىيەلەش مەركىزىگە يوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىكى ساقچى ئورگانلىرى يۇقىرىنىڭ چۈشۈرگەن ئادەم تۇتۇش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنداش ئۈچۈن بۇ خىل چارىنى ئويلاپ تاپقان.

ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر يەرلىك ئاھالە دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، بايراق چىقىرىشقا قاتناشمىغان، دۆلەت مارشى ئېيتمىغان كىشىلەرنىڭ نومۇرى تارتىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقى، دېھقان-چارۋىچى بولسا يېرى مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بورتالانىڭ جىڭ ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئاھالە، بۇ يىل 11‏-ئايدىن بېرى مەزكۇر ناھىيەدە 500 يەرلىك مۇسۇلمان ئاھالىسى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ 243 نەپىرى قازاق، 18 نەپىرى ئۇيغۇر، قالغىنى تۇڭگان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكرۇ ناھىيەدىكى يەنە بىر كەنت ئاھالىسى ھازىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە مەجبۇرى دۆلەت مارشى ئېيتقۇزىۋاتقنالىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىر پۈتۈن شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.