BBC خىتايدا يۈز بەرگەن لاگېردىكى جىنسىي خورلاشتەك ۋەقەلەرنى« توغرا، ئادىل» خەۋەر قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.02.05

ئەنگلىيەنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگىنى – BBC ئۆزىنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى، لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىستېمىلىق جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىشىدەك ۋەقەلەرنى «توغرا ۋە ئادىل» خەۋەر قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەنقىدلىرىنى رەت قىلغان.
BBC ئاگېنتلىقى 3-فېۋرال كۈنى لاگېردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق ۋە جىنسىي خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا بىر دوكلات ئېلان قىلغان. BBC نىڭ دوكلاتى دۇنيادا قاتتىق زىل-زىلزىلە قوزغاپ، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى مەزكۇر نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىنى «يالغان، ئىدېئولوگىيىلىك بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەرلەر» دەپ ئەيىبلىگەن.
BBC ئاگېنتلىقى 3-فېۋرال ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان ئۇيغۇر ئايال شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىغا يەر بەرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، BBC ئاگېنتلىقى، 4-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، «بىز خىتايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا بەرگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ توغرا ۋە ئادىل ئىكەنلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرىمىز. يالغان خەۋەر ۋە ئىدېئولوگىيىلىك بىر تەرەپلىمىلىك دېگەندەك ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىمىز» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 4-فېۋرال كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، BBC نىڭ دوكلاتىنى ھېچقانداق پاكىت ئاساسى يوق، دەپ ئەيىبلەپ لاگېردا يېتىپ چىققان ئۇيغۇر ئايال شاھىتلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى 5-فېۋرال تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، BBC نى «ژۇرنالستلىق ئەخلاقىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن. بىراق رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، BBC باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق «قورقماي ۋە ھېچكىمگە مايىل بولماي» خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.