ب د ت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى: «بېرما ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جاۋابكارلىقىغا تارتىلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-27
Share

ب د ت نىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دۈشەنبە كۈنى بېرما ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ روھىڭگا مۇسۇلمانلىرىغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش بىلەن جازالىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى روھىڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا سىستېمىلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتا جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان 6 نەپەر بېرما ھەربىي گېنىرالىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ تۇنجى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ب د ت غا يوللاپ، بۇ چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، ب د ت خادىملىرى تۇنجى قېتىم بىرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشىنى قاتتىق سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىگەن. خىتاي بىرمىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان «قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى»دە ئىزچىل بىرما ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ب د ت خادىملىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىپ، دۇنيادا ئەندىشە قوزغاۋاتقان مەزگىلدە بىرما ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىكەن. ئۇلار بۇنى «خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار ئەمەلدارلار ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چىن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار ئۈچۈن كۈچلۈك بىر سىگنال» دەپ كۆرسەتمەكتە.

يېقىندا ب د ت نىڭ بىر كومىتېتى خىتاينىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇشىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ سەل ئالدىدا ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر ئەمەلدارى ئاق سارايغا تەكلىپ سۇنۇپ، ئامېرىكىنىڭ «ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ئىشقا سېلىپ، چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى بەزى ئەمەلدارلارنى جازالاشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ب د ت نىڭ 3 كىشىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى روھىڭگا مۇساپىرلىرىنى، سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئىنىچىلىك بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مارزۇكى دارۇسمان دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، «بىرما ھەربىيلىرىنىڭ ئىنسان ھاياتى، ئىززەت -ھۆرمىتى ۋە ئەركىنلىكىنى خورلىشى پۈتۈن بىرما خەلقىنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىشى كېرەك»دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت