كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «ب د ت (ئۇيغۇرلارنىڭ) كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا بېيجىڭغا تىز پۈكمەسلىكى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.11.15

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 14‏-نويابىر كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا بېيجىڭغا تىز پۈكمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى سوفىيە رىچاردسوننىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىندا خىتايغا يوللىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باھالاش دوكلاتى ئانالىز قىلىنغان. ئۇنىڭدا «بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كەمسىتىش قىلمىشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى شۇنداقلا خەلقئارا نارازىلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ، خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىنغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى1‏-نويابىر كۈنى خىتايغا دوكلات يوللاپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىجرا قىلىنىۋتقان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى تەنقىدلىگەن. دوكلاتتا خىتاينىڭ «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ئۇيغۇر كىملىكىنى جىنايەتلەشتۈرۈش ۋە زوراۋانلىق تۈسىدىكى نازارەت تەدبىرلىرى» گە قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. 

سوفىيە رىچاردسوننىڭ قەيت قىلىشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ھەققىدە مىسلىسىز ۋە كىشىنى چۆچۈتەرلىك بايانلار بار بولۇپ، «ئۇنىڭدا خىتاينىڭ بۇ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىنى ھەقلىق چىقىرىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن» ئىكەن.

«خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىگە قارىتا ب د ت نىڭ مىسلىسىز تەنقىدى» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «مۇتەخەسسىسلەر (خىتاينىڭ) ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىپلا قالماي، بۇ سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك› دېگەن خۇلاسىغا كەلدى،» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.