«ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» خام لايىھەسى تاماملىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-12-12
Share


ئىككى ھەپتىدىن بۇيان پارىژدا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان دۇنيا كىلىمات سۆھبىتى شەنبە كۈنى نەتىجىگە ئېرىشتى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى كىلىمات كونترول قىلىش مەسىلىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، كېلىشىمنىڭ تۇنجى خام لايىھەسى تاماملانغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇنى جاكارلىغان فىرانسىيە تاشقى قىشلار مىنىستىرى لائۇرېنت فابىئۇس مەزكۇر كېلىشىمنىڭ «ئادىل ۋە قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەگەر بۇ كېلىشىم رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ يولغا قويۇلسا، مەزكۇر كېلىشىم بويىچە يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىسسىش تېمپېراتۇرىسى 2 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا كونترول قىلىنىدىكەن.

كېلىشىمنىڭ خام لايىھەسى نۆۋەتتە مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە تاپشۇرۇلغان.

بۇ ھەقتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا سوز قىلغان ب د ت باش كاتىپى بان كى مۇن: «بىز ھەممىمىزگە ھاياتلىق تەمىنلەۋاتقان بۇ پلانېتىنى قوغدىشىمىز كېرەك» دېدى.

«ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» يىغىنىغا 196 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئىككى ھەپتىدىن بۇيان دۇنيا كىلىماتىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.

«رامكا ئەھدىنامىسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىقى 1992 - يىلى بىرازىلىيەنىڭ رىئودى ژانىرو شەھىرىدە ئېچىلغان ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىندا ھاسىل قىلىنغان. 196 دۆلەت ئەزا بۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان ئەللەر 1995 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۇچرىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارىشى ئېلىنىۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى باھالاپ چىقىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

ئۇلار 1997 - يىلى ياپونىيەنىڭ كيۇتو شەھىرىدە «كيۇتو كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان پارنىك ئېففېكتى گاز نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە كېلىشكەن ئىدى.

كيۇتو ئەھدىنامىسى كۆزلىگەن نەتىجىدە بەرمىگەندىن كېيىن «رامكا ئەھدىنامىسى» گە ئەزا ئەللەر ۋەكىللىرى بۇ يىل 30 - نويابىرىدىن باشلاپ فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھەرىدە يىغىلغان ۋە كىلىمات مەسىلىسىنى جىددىي ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە سۆھبەت باشلىغان ئىدى.

سۆھبەت 11 - دېكابىر ئاياغلىشىپ تۇنجى خام لايىھە بېكىتىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت