خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا كۆپ دۆلەتلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-02-23
Share

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتى 22-فېۋرال ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنىدا كوپ دۆلەتلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. يىغىندا ۋاڭ يى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بارغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقى، «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن» بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى، يېقىنقى 4 يىل مابەينىدە ھېچقانداق «تېررورلۇق ۋەقەسى» يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەيكو مائاس، ۋەزىيەتنىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ياكى خىتاينىڭ خوڭكوڭدا پۇقرالار ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشىغا دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى كۈتىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ۋە «شىنجاڭدىكى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا» چاقىرغان.

بۇنىڭ ئالدىدا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان» «كەڭ كۆلەملىك تەن جازاسى، مەجبۇرىي ئەمگەك، تۇغماس قىلىش» ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ سۆزىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ، بىراق «شىنجاڭدىكى ئەھۋالنىڭ تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتكەنلىكى» نى بىلدۈرگەنىدى. بىراق يىغىندا ۋاڭ يى «شىنجاڭنىڭ ئىشىكىنىڭ ھەر ۋاقىت ئوچۇق» ئىكەنلىكىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ «شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن، لېكىن نېمە ئۈچۈن زىيارەتچىلەرنىڭ خالىغان جاينى تەكشۈرۈشىگە يول قويمايدىغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت