خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ب د ت غا كىرگۈزمەسلىك پىلانى ئاقمىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي، رۇسىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق 3 دۆلەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ب د ت دا سۆزلىشىنى كونترول قىلىش ھەققىدىكى ناھىيەسى جۈمە كۈنى ئاۋازغا قويۇلۇپ رەت قىلىندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يۇقىرىقى 3 دۆلەتنىڭ لاھىيەسىنى رەت قىلىپ، چىلىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش ۋە جازالاشنى توختىتىش شۇنداقلا ئۇلارنى قوغداش ھەققىدىكى لاھىيەسىنى قوبۇل قىلغان. چىلى مەزكۇر لاھىيەنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 50 نەچچە دۆلەتكە ۋاكالىتەن تەييارلىغان.

لېكىن خىتاي، رۇسىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ لاھىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ لايىھەسىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ «دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشى»، مالىيە مەنبەسىنىڭ «قانۇنلۇق ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى» تەلەپ قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنى پاش قىلىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن.

خىتاينىڭ ب د ت ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يېقىندا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ مەزكۇر ئورگاننىڭ نيۇ-يوركتىكى يىغىنىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكا ۋەكىلى بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 3 ھەپتە ئاۋۋال جەنۋەدە باشلانغان 38-نۆۋەتلىك يىغىنىدىمۇ دولقۇن ئەيساغا كاشىلا چىقىرىشقا ئۇرۇنغانغان بولسىمۇ، لېكىن مەغلۇپ بولغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى ساراھ برۇك رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە «بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا چەكلىمە قويۇش، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش تىرىشچانلىقى ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن كۈچلۈك رەۋىشتە رەت قىلىنىپ، ب د ت دا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ساقلاپ قېلىپشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت