ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە خىتاينى يەنە ئەيىبلىدى
2020.08.25
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرى خەلقئارالىق سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ قاماققا ئېلىشىنى كەسكىن تەنقىدلىدى.
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېللىي كرافت خانىم شۇ كۈنى ئېچىلغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى يىغىنىدا مەخسۇس سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مۇددىئالىرىغا يېتىشنى قەستلەۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ خىل ساختىلىقنى قەتئىي رەت قىلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى نۇتقىدا «ھازىر شىنجاڭدا لاگېرلارغا قامالغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئاممىسى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› دېگەن ساختا نىقاب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەردۇر. بۇلار مەيلى خىتاينىڭ ياكى خەلقئارا قانۇنلارنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپتىن ئۆتمىگەن تۇتقۇن قىلىش ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.
كېللىي خانىم نۇتقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر ياقتىن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەققىدىكى خەلقئارالىق بىرلىكسەپنىڭ ئەزاسى بولۇۋېلىپ، مۇشۇ باھانىدە ئۆكتىچى پىكىر ساھىبلىرىنى ھەمدە سۆز ئەركىنلىكىنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى يىغىن ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتكەن.
ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ۋەكىلى جېيمىس روسكو ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە يىغىن ئەھلىگە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپ، دەپ قارايدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان دۆلەت سىياسىتىنى تېزدىن توختىتىشى لازىملىقىنى، شۇنىڭدەك خەلقئارانىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ھالبۇكى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ «شىنجاڭدا ھېچقانداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان.









