گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ب د ت دا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.25

گېرمانىيەدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەيكو مائاسنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، شۇنىڭدەك خىتاينى بۇ رايونلارغا ئەركىن بېرىپ كېلىشكە يول قويۇشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40‏-نۆۋەتلىك يىغىنى 25‏-فېۋرال باشلانغان بولۇپ، يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى ئېچىلغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتناشقان ئىدى. ھەيكو مائاسنىڭ يىغىندا بۇ چاقىرىققا ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما يىغىندا تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مەلۇم.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ۋە برىتانىيە ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى لورد ئەخمەت «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ جازالىنىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېگەن. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خىتاينى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۋەدىكى دىپلوماتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي يىغىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

«گېرمانىيە تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ باياناتىدا، ھەيكو مائاسنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى تەلەپ قىلىنغان. باياناتتا، ئۇنىڭ يىغىندا «تىبەت ۋە شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە شۇنىڭدەك خىتاينى بۇ رايونلارغا ئەركىن بېرىپ--كېلىشكە يول قويۇشقا چاقىرىشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭلا ئەمەس، ئوخشاشلا گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى لىبېرال سولچى پارتىيە-يېشىللار پارتىيەسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.