ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-04-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا «بلۇمبېرگ» گېزىتىدە «ب د ت نىڭ باش كاتىپى قاچان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.

«بلۇمبېرگ» گېزىتىنىڭ 23-ئاپرېلدىكى سانىغا بېسىلغان مەزكۇر ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇترېس مۇشۇ ھەپتە خىتاينىڭ «بىر يول، بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى مەخسۇس يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارىدىكەن. ماقالىدە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو بېيجىڭدا بولغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشقا چاقىرىلغان.

ماقالىدە يەنە نۇقتىلىق قىلىپ بۇلتۇر دېكابىردا ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىشىغا قارىتا ئېلان قىلغان دوكلاتى ۋە ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتايدىن ئۇيغۇر رايوننى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالە ئاپتورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت نىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يۇقىرى لاۋازىمدىكى بىر كىشى خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا چوقۇم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

ئالدىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن سۆز قىلغان ئىدى. ئانالىزچىلار ئانتونىيو گۇترېسنىڭ ئىنكاس بىلدۈرۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت