دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت دىپلوماتلىرىنى خىتاي زىيارىتى داۋامىدا لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.11.21

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن، يەنى 21‏-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خىتايدا زىيارەت بولىدىغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دىپلوماتلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئۇنتۇماسلىققا ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە لاگېر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا دەۋەت قىلدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 22 ‏-نويابىر بىلەن 25 ‏-نويابىرغا قەدەر داۋام قىلىدىغان بۇ زىيارەت داۋامىدا مەزكۇر دىپلوماتلار ئاۋۋال بېيجىڭ ئەتراپىدىكى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئۈچۈن ھازىرلانغان بىر ھەربىي مەشىق بازىسىنى زىيارەت قىلىدىكەن. ئاندىن قوشۇمچە پائالىيەت سۈپىتىدە شېنجىن ۋە گۇاڭجۇنى زىيارەت قىلىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەگەر مەزكۇر دىپلوماتلار بۇ قېتىمقى زىيارەت داۋامىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا بىر يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

لاگېرلار مەسىلىنىڭ جىددىيلىكى قىسقىچە بايان قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن. باياناتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلىرى مەسىلىسى خەلقئارادا جىددىي ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ ب د ت دىپلوماتلىرىنى بېيجىڭ، شېنجىن ۋە گۇاڭجۇلارغا دەۋەت قىلىش شۇنداقلا خىتاينىڭ ب د ت تىنچلىق قىسىملىرىدىكى خىزمەتلىرىنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتنى يوشۇرۇشقا ياكى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئىشارەت قىلىنغان.

باياناتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئانىسى ئايخان مەمەت ۋە دىنىي ئۆلىما مۇھەممەت سالىھ ھاجىملارنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى، بۇ لاگېرلاردىن بۈگۈنگىچە قويۇۋېتىلگەنلەرنىڭ ئاساسەن يوقلۇقى، لاگېر قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ يىل ھەسسىلەپ كېڭەيتىلگەنلىكى قاتارلىق ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ئەھۋاللار خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.