خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت نى خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-03-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىنىڭ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغىچە يېتىپ كېلىشى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ»، دېگەن ۋە بۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئۆتكەن يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىنى مىسال كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا :«خىتاي ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى بۆلۈش، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىش ۋە جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتا بولماقتا» دېيىلگەن.

ئۇلار يەنە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئارقىلىق ئۆزىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن ئورتاق باياناتلاردا خىتاينى تەنقىدلەشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ب د ت نى دەرھال تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا: «ھېچقانداق بىر دۆلەت تەكشۈرۈشتىن خالىي بولماسلىقى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشىغا يول قويماسلىقى كېرەك. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر چوقۇم خىتاينىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا زورىيىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى خىتاينى ئورتاق ئەيىبلىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا شى جىنپىڭ مەزگىلىدە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، زوراۋانلىق قىلىش، قىيناش، پائالىيەتچىلەر، ئادۋوكاتلار ۋە دۆلەتكە تەھدىت دەپ قارالغانلارنى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشتەك قىلمىشلارنىڭ زور دەرىجىدە ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت