خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت نى «جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلىگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.05.08

خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ئادۋوكاتلىرىدىن شيې ياڭنىڭ دېلوسى خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان دېلولارنىڭ بىرى.

مەزكۇر دېلو 2015-يىلى يازدا خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان يۈزلىگەن ئادۋوكات ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەرنىڭ دېلوسى بىلەن بىرگە «709 باسقۇنى» دەپ ئاتالغان.

كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شيې ياڭ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى ئۇزۇن مەزگىل ئۇخلاتماسلىق، قىيناققا ئېلىش ۋە خورلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن سوراق قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خەلقئارا كانىيى ھېسابلانغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۈگۈن شيې ياڭنىڭ سوتلىنىشى ھەققىدە مەخسۇس ۋىدېئولۇق خەۋەر ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا شيې ياڭنىڭ ئېغىزىدىن: «مەن ھەرقانداق شەكىلدىكى قىيناشقا ئۇچرىمىدىم،» دېگەن سۆزنى دېگۈزگەن.

ئۇنىڭدا شيې ياڭنىڭ سوتچىغا مۇنداق دېگەنلىكى كۆرسىتىلگەن: «مېنىڭ كاللام غەربنىڭ قانۇن ئىدىيەلىرى بىلەن يۇيۇلۇپتۇ. شۇ ۋەجىدىن مەن جۇڭگودا غەربنىڭ قانۇنچىلىق سىستېمىسىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇپ، مەۋجۇت سىستېمىنى ئاغدۇرماقچى بولدۇم.»

چاڭشا ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شيې ياڭنى «دۆلەت ھوقۇقىنى كەمسۇندۇرۇشقا ۋە سوت تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن.

شيې ياڭنىڭ ئادۋوكاتى چېن جيەنڭاڭ ئۆتكەن ھەپتە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى خىتاينى ئەيىبلىگەن.

ھالبۇكى، ب د ت دىكى 5 دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ بىرى بولغان خىتاي بۈگۈن ئۆزىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ب د ت نى «جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى،» دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.