ب د ت دىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتايغا قارىتا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-26
Share

ب د ت دىكى مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر 26-ئىيۇن كۈنى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى خىتايدا ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن كەسكىن تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.

مۇتەخەسسىسلەر باياناتىدا خوڭكوڭدا نامايىشچىلارنىڭ باستۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتتىك يەرلىك خەلقلەرنىڭ كوللېكتىپ جازالىنىشى، ئادۋوكاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە پۇقرالارنىڭ شەخسىي ھاياتىغا ئارىلىشىش، تور بىخەتەرلىك قانۇنى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، «نۆۋەتتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە، بولۇپمۇ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونىوم رايونى ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، شۇنداقلا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرگە دىققەت قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلگەن» ئىكەن.

باياناتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ ۋە بارلىق مۇۋاپىق تەبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا تەكىتلىشىچە، «ب د ت ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرۈپ چىقىشى، بىتەرەپ ۋە مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ خوڭكوڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىنى نازارەت قىلىشى، ئانالىز قىلىشى ۋە دوكلات ئېلان قىلىشى، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ب د ت ئورگانلىرى خىتايدىن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت