خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنى مالىمانلاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىدلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.07.30

يېقىندا «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» (UNPO) تەپسىلىي بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىش ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ ئاۋازىنى تۇنجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كەسكىن تەنقىدلىدى.

مەزكۇر دوكلات ئۈچ يىللىق تەتقىقات ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، بۇ جەرياندا 77 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى زىيارەت قىلىنغان. شۇنىڭدەك رۇسىيە، ئىران ۋە خىتاي مەركەز قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە باشقا خەلقئارالىق سورۇنلاردا باشقا خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ياكى ئاڭلاتماسلىققا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر ۋاقىت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرىدا باشقا مىللەت ۋەكىللىرىنى يىغىنغا قاتنىشىشتىن توسۇشنىڭ قەستىدە بولۇپ كەلگەن. جۈملىدىن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ب د ت نىڭ بىرنەچچە قېتىملىق يىغىنىغا رەسمىي تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلار قاتارىدا بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل شەكىللەردىكى بەتنام ۋە سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رالف بانچى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شەخسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹تېررورچى› دېگەن تۆھمىتىنىڭ دەردىنى ھارغىچە تارتتى. ئۇنىڭ ھەتتا مۇشۇ ب د ت بىناسىغا كىرەلمىگەن ۋاقىتلىرىمۇ بار،» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ب د ت باش شتابىغا كىرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك يىغىنلارغا قاتنىشىشىنى توسۇش مەقسىتىدە چەتئەللەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ ئاشۇ پائالىيەتچىلەرگە پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىت پەيدا قىلغان. دوكلاتتا بۇ توغرىلىق سۆز قىلىنىپ «بۇ خىلدىكى ئۇرۇنۇشلارنىڭ بەزىلىرى مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ئەكسىچە ئۈنۈم ياراتتى،» دېيىلىدۇ.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتى ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن «2019-يىللىق دىنىي ئېتىقادنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى» دا تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنى تەييارلاشقا ئەنگلىيەدىكى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە تىبەت ئادالەت مەركىزى يېقىندىن ھەمكارلاشقان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.