ب د ت ئۆزىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇر قاتارلىق پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىسمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان خادىمىنى خىزمىتىدىن بوشاتقان

ب د ت، بۇ ئورگاننىڭ خىتاينى ئۇيغۇر قاتارلىق پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىسمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ب د ت خادىمى ئېما رايلېينى خىزمىتىدىن بوشاتقان. ئېما رايلېينىڭ 13-نويابىر ئەنگلىيەلىك ژۇرنالىست مەجىد ناۋازنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ب د ت ئۆتكەن ھەپتە ئېما رايلېينىڭ ھەرىكىتىدىن «پۇشايمان قىلمىغانلىقى» نى «ئېغىرلاشتۇرغۇچى ئامىل» دەپ قاراپ، ب د ت دىكى خىزمىتىدىن بوشاتقان. «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئېما رايلېي ب د ت نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئ‍اكتىپ تەمىنلەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئېما رايلېي ئىلگىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنىدىن بۇرۇن خىتاينىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى سورايدىغانلىقى، بۇ ب د ت قائىدىسىگە خىلاپ بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خىتاينى بۇ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ بۇ ئەھۋالنى 2013-يىلىدىن باشلاپ بايقاشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ ب د ت نىڭ خىتايغا بەرگەن تىزىملىكى ئىچىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئېما رايلېينىڭ بايانى فىرانسىيەنىڭ «لېموندې» قاتارلىق گېزىتلەرلىرىدە ئېلان قىلىنىپ قوزغۇلا قوزغىغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينى بۇنداق تىزىملىك بىلەن تەمىنلىگەنىكىنى رەت قىلمىغان. بىراق 2015-يىلدىن كېيىن خىتاينى تىزىملىك بىلەن تەمىنلەپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئېما رايلېينىڭ 13-نويابىر مەجىد ناۋازنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ب د ت نىڭ ئۇنى «يالغان سۆزلەش» بىلەن ئەمەس، ب د ت نىڭ «ئابرۇيىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ، ب د ت باش كاتىپى گۇتېرېس خىتاينىڭ كىلىمات مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىنى دەپ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەرىكىتىگە كۆز يۇمغان.