كېرىيەدىكى ئىمىن داموللا بەدەل ھاجىلىق پۇلىنى «بۆلگۈنچىلەر» گە بەرگەنلىكى ئۈچۈن 18 يىللىق كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-05-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، كېرىيە ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ناھىيە بازىرىدىكى مەركىزى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئىمىن داموللام 2016-يىلى ھەج سەپىرىدە ھاجى بەدەل پۇلىنى «ئاتالمىش بۆلگۈنچىلەر» گە بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇلتۇر 5-ئايدا 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

بۇ ئۇچۇر خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر بىرلىكسەپ خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەندى. مەزكۇر خادىم ئىمىن داموللام بىلەن بىللە بىر دېلوغا چېتىلىپ جەمئىي 5 كىشىنىڭ جازالانغانلىقىنى بايان قىلدى، ئەمما قالغان تۆت كىشىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

بۇلتۇر ھەج مەزگىلىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇلتۇر ھاجى نامزاتلىرىغا بەدەل ھاجى پۇلىنى ئېلىپ مېڭىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئاشكارىلانغان، ئەمما 2016-يىلى ئۇنداق چەكلىمە بولمىغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىمىن داموللامنى ھاجى بەدەل پۇلىنى كىملەرگە بەرگەنلىكى ئۈچۈن جازالىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

دىنىي خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە ئادەتتە ئۆمرى ياكى سالامەتلىكى يار بەرمەي ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلالمىغانلار ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن ۋاكالىتەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت «بەدەل ھاجى» دەپ ئاتىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھاجى بەدەل پۇلىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ مەزكۇر چەكلىمىنى يولغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت