خەلقئار ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى فورمىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-01-21
Share

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 19-يانۋار كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ بۇ ئورگاننى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى ئۈچۈن تەمىنلىگەن فورمىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. باياتتا ئېيتىلىشىچە، «خەل‍قئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەيدىغان تەمىنلىگۈچىلەرگە قارىتا 3-تەرەپ تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان،» ئىكەن.

باياناتتا 2021-يىلى 9-ئايدا باشلانغان تەكشۈرۈشتە، ئۇنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى بالىلار ئەمگىكىگە چېتىشلىق ھېچقانداق ئالاقىسى بايقالمىغانلىقى» تەكىتلەنگەن، بىراق بۇنى تەكشۈرۈشكە قايسىي 3-تەرەپنىڭ ۋەزىپىلەندۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ سۆزى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدا سۇئال پەيدا قىلغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە مەجبۇرىي ئەمگەك ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇمىييۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە بولۇپ، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە 3-بىر تەرەپنىڭ رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھۋالىغا ئائىت تەرەپسىز، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىلگىرى خىتاينىڭ «خېڭيۈەنشىڭ» گۇرۇھىغا قاراشلىق «ئانتا تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى» بىلەن ئولىمپىك خادىملىرىنىڭ فورمىسىنى تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىنىڭ خەۋىرىدە، ئانتا شىركىتىنىڭ تەنتەربىيە فورمىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ شىركەت ئىلگىرى تاراتقۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىپ كەلگەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مەزكۇر باياناتنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەكتۇبىغا جاۋابەن ئېلان قىلغان. يېقىندا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۇلارغا خەت يېزىپ، ئولىمپىك فورمىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلماسلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت