ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.07.27

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئىچىدە 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. يېقىندا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن مايكىل ۋالتىز، توم مالىنوۋىسكى قاتارلىقلار يېڭى تەكلىپ لايىھەسى تەييارلاپ، ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقاندا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ABC ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فلورىدا شىتاتىدىن سايلانغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل ۋالتىز تۇنجى قېتىم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تولۇق بايقۇت قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم بولسا بۇ يىلنىڭ بېشىدا بۇ مۇسابىقىنى «دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ۋالتىز ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىزنىڭ بۇ قېتىمقى تەكلىپ لايىھەمىز ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە ئايدا ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن «قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتايغا تەنتەربىيە ئۆمىكى ئەۋەتىش ياكى ئەۋەتمەسلىك» مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ كەلمەكتە.

مايكىل ۋالتىز ۋە توم مالىنوۋسكى 2021-يىلى ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپلا ئوخشىمىغان سورۇنلاردا: «قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويغانلىق ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى يوللۇق، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىققا باراۋەر. بۇ ئەمەلىيەتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە مەھلىيا بولۇشىغا يول ئاچىدۇ» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلىپ كەلگەنىكەن. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاساسىي سەۋەب قىلغان ھالدا بېيجىڭدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىشى زور دىققەت قوزغىماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1979-يىلى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ 1980-يىلى موسكۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.